-
مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى 1
2008-06-09
مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى
1
ئەركىن سىدىق
2007-يىلى 26-ئۆكتەبىر
يېقىندىن بۇيان ۋەتەندىن ماڭا ئېلخەت يېزىپ، مەندىن مەسلىھەت سورايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ئوقۇشىدىكى بىلىم قورۇلۇشىنى چۈشەندۈرۈپ، شۇ ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتى ئۈچۈن نېمە كەسىپنى تاللىسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى سورايدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش مەسىلىسى بىر ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلىدۇر. مەسىلەن، مەندىن مەسلىھەت سورىغان ياشلار تىلغا ئالغان كەسىپلەرنى تىزىپ چىقىدىغان بولساق، ئۇلارنى كەم دېگەندە تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىش مۇمكىن:
٭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ
٭ ئاتا-ئانىسى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ
٭ ھازىر ئوقۇۋاتقان كەسىپ
٭ ئالماشماقچى بولغان كەسىپ
٭ تەبىئىي پەندىكى كەسىپ
٭ ئىجتىمائىي پەندىكى كەسىپ
٭ ۋەتەندە ئاسان ئىشقا ئورۇنلاشقىلى بولىدىغان كەسىپ
٭ چەت ئەلدە ئاسانراق جان باققىلى بولىدىغان كەسىپ
٭ باي بولغىلى بولىدىغان كەسىپ
٭ ۋە باشقىلار
مەن ھازىرغىچە ئۆزۈمدىن بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىغان ياشلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمەي كەلدىم. -
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسلىسى
2008-06-09
«قوش تىل مۇئارىپى» ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسلىسىنى ھەل قىلالامدۇ؟!
ئالپ ئەر تۇڭا
«قوش تىل مائارىپى»نى سۆزلەشتىن ئىلگىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتەيلى.
ئىشلەۋاتقانلاردىن بەكرەك ئىشسىزلارغا، ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولغانلاردىن بەكرەك ئىش كۈتۈپ ئۇرىۋاتقانلارغا،بالىسى يوقلاردىن بەكرەك بالىجانلارغا مەلۇمكى، يەنە شۇنداقلا ئىقتىساسلىقلار بازىرىدا تۇمشۇقىغا يىمىگەنلەردىن بەكرەك تۇمشۇقى ئۇياقتا قېلىپ يۈرىكىگە يىگەنلەرگە، ئالى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇۋاتقانلاردىن بەكرەك ئۇنى پۈتتۈرۈپ، ئوقۇسىمۇ ئوقۇيدىغان، ئوقۇمىسىمۇ ئوقۇيدىغان مەڭگۈلۈك ئالى مەكتەپ «جەمىيەت ئونۋېرسىتېتى» غا قەدەم باسقانلارغا مەلۇمكى، زامان 21- ئەسىرگە قەدەم قويۈپ، ماكان زور تەرەققىياتلارغا چۈمكەلگەندىن كىيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ، ياق! ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ سەركىسى ھىساپلىنىدىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولۇپ كەتتى.
شۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇكى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولۇش» مەسلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ،ئۇنىڭ سەۋەپلىرى ئۈستىدە كەڭ كۈلەملىك ئىزدىنىش - تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولۇش»تىكى تۈپكى ئامىلنى تېپىپ چىقىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولۇش» مەسلىسىنى ھەل قىلماقچى بولدى. نەچچە يىللىق مۇلاھىزە - ئىزدىنىش - تەتقىقاتلاردىن كىيىن ئۇيغۇرلاردىكى «ئىشسىزلىق مەسلىسىنىڭ تۈگۈنى» ئاخىرى ئۆز چۇمپەردىسىنى زور جاسارەت بىلەن قايرىپ تاشلاپ، «گۈزەل رۇخسارى»نى ئاشكارىلىدى. بۇنىڭ بىلەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولۇش » نىڭ سىرى ئاخىر -
ئەھمەد يۈكنەكى ۋە ئۇنىڭ «ئەتەبەتۇلھەقايىق»ناملىق ئەسىرى
2008-06-08
ئەھمەد يۈكنەكى ۋە ئۇنىڭ « ئەتەبەتۇلھەقايىق » ناملىق ئەسىرى
تەييارلىغۇچى : قامچائەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكىنەكى 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ، 13-ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ، ئۇ قارخانىيلار ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر شائىرلارنىڭ بىرى. بىزگە ئۇنىڭ « ئەتەبەتۇلھەقايىق » ( ھەقىقەتەنلەر بوسۇغۇسى)
ناملىق بىرلا ئەسىرى يېتىپ كەلگەن . شائىرنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق . داستاندا قوشۇمچە قىلىنغان بەزى شېئىرلاردىن ئىسمى ئەھمەد ، ئاتىسى مەھمۇد بولۇپ ، يۈكنەك دىگەن يەردىن ئىكىنلىكى ۋە كۆزىنىڭ تۇغما قارىغۇ ئىكەنلىكى مەلۇم.
« ئەتەبەتۇلھەقايىق » 14بابلىق داستان بولۇپ ، 484مىسرادىن تەشكىل تاپقان ، ئۇنىڭغا كېيىنرەك باشقىلار تەرىپىدىن يەنە ئۈچ پارچە شېئىر قوشۇلۇپ ، 512 مىسراغا يەتكەن . بۇ ئەسەر ئارۇز ۋەزىنلىك مۇتەقارىپ بەھرىدە يېزىلغان . بۇ چوڭ ھەجىملىك ۋەز - نەسىھەت خاراكتىرلىك داستان . شائىر بۇنى 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 13-ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا يېزىپ تۈگەتكەن.
بىزگە ئەسەرنىڭ ئۈچ قوليازمىسى يېتىپ كەلگەن. بىرى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا سەمەرقەندتە كۆچۈرۈلگەن « A » نۇسخا ، ئىككىنچىسى ، ئىستانبۇلدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئەرەب يېزىقىدا قۇرمۇقۇر كۆچۈرۈلگەن « B » نۇسخا ، ئۈچىنچىسى ، ئەرەب يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن « C » نۇسخا بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىستانبۇلدا ساقلانماقتا .
داستاندا شائىر ئىلىم - مەرىپەتنىڭ ئەھمىيىتى ، بەخىت سائادەت بىلەن بىلىمنىڭ مۇناسىۋىتى ، بىلىملىكلەرنى ھۆرمەت قىلىشنىڭ زۆزۈرىيىتى ، تىلغا پىششىق بولۇشنىڭ پايدىسى ، راسچىل ، سەمىمىي بولۇش ، تىلنى باشقۇرۇش ، ئارتۇق سۆزلىمەسلىك ، سىر ساقلاش ، ئادىل بولۇش ، ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىماسلىق قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان. نادانلىق ، جاھىللىق ، خەسىسلىك ، ئاچ كۆزلۈك ، يالغانچىلىقتەك ناچار ئىللەتلەرنى قامچىلىغان . قىسقىسى ، بۇ داستان مەيلى تىل جەھەتتە بولسۇن ، مەيلى مەزمۇن ۋە بەدىئىي جەھەتتە بولسۇن ، قاراخانىيلار دەۋىرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. -
ئاساسى رايۇنى ۋە كىڭەيتىلگەن ريۇنىنى پەرىقلەندۈرۈش
2008-06-07
ئاساسى رايۇنى ۋە كىڭەيتىلگەن ريۇنىنى پەرىقلەندۈرۈش usp.dll ھۆجىتىنى يىڭىلاپ بولغان ئەھىۋال ئاستىدا ئەگەر بىز بىر ئۇيغۇرچە توربەتنىڭ ياكى مەلۇم بىر ماقالنىڭ unicode نىڭ ئاساسى رايۇنىدا ياكى كىڭەيتىلگەن ريۇنىدا يىزىلغانىلىقىنى بىلمەكىچى بولساق قانداق ئۇ... -
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلاشنىڭ ئىچكى - تاشقى سەۋەپلىرى
2008-06-07
مىللىي ئارمىيىنىڭ قىسىم قۇرۇلمىسى توغرىسىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھازىرقى زامان تارىخىمىزدىكى چوڭ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغان 1944 - يىلى 8 - ئايدىن تارتىپ 1945 - يىلى 9 - ئايغىچە بولغان بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئى...






